يۇمشاق دېتال توغرىسىدا

ON1 Effects بولسا ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش قۇرالى، ئۇ بىر قاتار ئۈنۈملەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي يەنە ئەڭ مودا بولغان يۈرۈشلۈك فىلتىر ئۈنۈملىرى، LUTۋە بەلگىلىك رەڭ بوشلۇقىغا ئىگە بولغان تەييار تەڭشەك ئۈنۈملەرنىمۇ تامامەن بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ ئالاھىدىلىكى سىزنى ئۆزىڭىز ئالاھىدىلىكىگە، ياقتۇرۇشىڭىزغا ئاساسەن بىر قاتار تەڭشەكلەرنى ساقلىۋېلىشىڭىز ۋە كېيىن ياكى باشقا كومپىيۇتىرلارغا چىقىرىپ ئىشلىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ON1 Effectsيۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ھالەتتىكى رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلالايسىز. ئۇندىن باشقا مەزكۇر يۇمشاق دېتال مەخسۇس سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش قۇرالىغا تەۋە بۇلۇپ، ئۆز بوشلۇقىدا نۇرغۇنلىغان سىز تەسەۋۋۇر قىلغان ھالەتتە خالىغانچە رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىپ ئىشلىتەلەيسىز.
ON1 Effectsبولسا ھەم مۇستەقىل بىر يۇمشاق دېتالنىڭ ئورنىدا ئىشلىتەلەيسىز شۇنداقلا Adobe Photoshop Elements Adobe Photoshop Adobe lightroom Apple Photosقاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردا مۇستەقىل قىستۇرما ھالەتتىمۇ ئىشلىتەلەيسىز.

تەشۋىقات سۈرەتلىرى: