فورمات ئۆزگەرتىش قۇرالى 2020-يىللىق نۇسخىسى 格式工厂2020版本

بۇ ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان يۇمتال بۇلۇپ، مېنىڭچە بۇ 2020-يىللىق نەشىرىنى ئىشلەتكەنلەر كۆپ بولمىسا كىرەك، بۇرۇن بۇ يۇمتالنى پەقەت سىنلارنىڭ فورماتىنىلا ئۆزگەرتىشكە ئىشلەتكەن بولسىڭىز بۇندىن كېيىن يەنە بىر قىسىم سىنلارنى خېلى ئۇبدانلا تەھرىرلەشكە ئىشلىتىشكە بۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسىز

بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق چۈشەنچىڭىز يىتەرلىك بولمىغان بولسا تۈۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئۇقۇپ بېقىڭ
1.ھەرقانداق فورماتتىكى سىننى قوللايدۇ.
2.يوۋكۇ، تېڭشۈن ۋە Bتور بەتلەردىكى سىنلارنى چۈشۈرۈشكە بۇلىدۇ
3.سىنلارنىڭ ئۈستىگە بېسىۋېتىلگەن بەلگىلەرنى چىقىرۋېتىشكە بۇلىدۇ
4.ھەرخىل سىن، مۇزىكا، رەسىملەرنىڭ فورماتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بۇلىدۇ
5.بۇزۇلغان سىنلارنى ئوڭشاشقا بۇلىدۇ، يەنى بىر قىسىم سىنلارنىڭ فورماتى توغرا بولماسلىق ياكى سىن ھۆججىتى بۇزۇلۇش سەۋەپلىك نورمال تەھرىرلەش ئىمكانىيتىڭىز بولمىغاندا بۇ يۇمتال ئارقىلىق رىمۇنىت قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەھرىرلەپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
6.سىنلارنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىپ بىرلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ
7.ئېكراننى سۈرەتكە ئېلىشقا بۇلىدۇ
8.فورمات ئۆزگەرتىش جەريانىدا بىر تەرەپتىن فورمات ئۆزگەرتىپ يەنە بىر تەرەپتىن بۇزۇلغان ھۆججەتنى تۈزۈتىشكە بۇلىدۇ، سىنلارنىڭ ئىنىقلىقىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
9.كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنىللىرىنىڭ فىلىملىرىنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىشكە نىسپەتەن قوللاشچانلىقى ئالاھىدە يۇقۇرى، MP4、3GP、AVI قاتارلىقلارنى ناھايىتى ياخشى ئۆزگەرتەلەيسىز
10.فىلىم رازمىرىنى خالىغانچە تەڭشەپ ئۆزگەرتەلەيسىز

بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنىڭ رەسىملىك كەسمىسى

سىن چۈشۈرۈش

سىن ئۈستىدىكى بەلگىلەرنى ئۈچۈرۈش

ئېكراننى سىنغا ئېلىش

خالىغىنىڭىزچە فورمات ئۆزگەرتسىڭىز بۇلىدۇ

قاچىلاش ئۇسۇلى:
يۇمتالنىڭ يېشىللاشتۇرۇلغان نۇسخىسى تەمىنلەنگەن بۇلۇپ، چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پىرىستىن يىشىپ، كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ مەلۇم بىر ئۇرۇنغا كۈچۈرۈپ قۇيۇپلا ئىجرا ھۆججىتى FormatFactory نى قوش چىكىپ ئىجرا قىلىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ، رەسىمدىكىدەك

يۇمتالنىڭ بىر قىسىم كەسمە سۈرەتلىرى