ئەندىزە تورى 2021-يىللىق فىلىم-سۈرەتچىلىك سېستىمىسى 1-نەشىرى

پىرىستىن يىشىش پارولى:

www.andiza.cn

ھەركىم ئۆز كومپىيۇتىرىنىڭ خۇجايىنى، ئەندىزە تورى قۇرۇلۇپ مانا ئارىدىن سەككىز يىل ۋاقىت ئۆتكۈچە قاراتال ئۇستازنىڭ ياردىمى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئاز بولمىغان دەرىسلىك ۋە فىلىمچىلىك سېستىمىللىرىنى كۆپچىلىككە ھەقسىز ھالەتتە تارقاتقان ئىدى، سەككىز يىلدىن بىرى ئەندىزە تورى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھېچقانداق قىستۇرما قاچىلانمىغان، كومپىيۇتىردا كىشىنى بىزار قىلىدىغان ھەرخىل ئېلانلار بولمىغان ساپ ھالەتتىكى يۇمتاللارنى قاچىلاپ تەڭشەپ كومپىيۇتىرغا سېستىمىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۈرۈرىيتى يوق ھالەتتە ”ئەندىزە تورى 2021-يىللىق فىلىم-سۈرەتچىلىك سېستىمىسى 1-نەشىرى“نى كۆپچىلىككە ھەقسىز سۇندى. تەييارلانغان گوسىت ھۆججەتنىڭ سىغىمى 22.3GB  بۇلۇپ يەشكەندىن كېيىن ئىگەللەيدىغان سىغىمى 49.5GB كىلىدۇ. windowes102004 نەشىرى ئانا سېستىما قىلىپ ئىشلىتىلدى.

سېستىمىنىڭ بىر قىسىم قىستۇرما سۈرەتلىرى تۈۋەندىكىچە:

سېستىمىغا قاچىلانغان يۇمتاللار تۈۋەندىكىچە:

Adobe_After_Effects_2020_17.5.0.40_ACR13.0_SP_20201020
Adobe_Bridge_2021_11.0.0.83_ACR13.0_SP_Fix_20201019
Adobe_Media_Encoder_2020_14.5.0.48_SP_20201019
Adobe_Audition_2020_13.0.11.38_SP_20201019
Adobe_Photoshop_2021_22.0.0.35_ACR13.0_SP_20201019
Adobe_Premiere_Pro_2020_14.5.0.51_SP_20201019
EDIUS 8.5.3 免断网中文自动激活版
EDIUS Pro9 永久中文版
会声会影2020_23.1.0.482
QuickTimeInstaller_7.75.80.95
完美解码器2020
PalmInput_Setup输入法
谷歌浏览器稳定版-81.0.4044.129_x
HONEYVIEW-SETUP-5.31看图
BANDIZIP-SETUP-6.22.0.1解压

 

سېستىمىدا ئىشلەتكەندىن كېيىن ياكى بۇرۇن ئىشلەتكۈچىلەر گۇماندا بۇلارمىكىن دىگەن سۇئاللار سۇئال-جاۋاپ ھالەتتە تەييارلاندى.

سۇئال:نىمە ئۈچۈن EDIUS نىڭ ئىككى خىل نەشىرى تەڭلا قاچىلىنىدۇ؟
ھازىرغىچە يىشىۋىتىلگەن نۇسخان 8.53 نەشىرى بولسا EDIUSنىڭ ئېنگىلىزچە مائارىپ نۇسخسى ئاساسىدا يىشىۋىتىلگەن نۇسخىسى بۇلۇپ، بىر قىسىم جايلىرى يەنىلا ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىنمىغان، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېنگىلىزچە ھالەتتە كۈرۈنىدۇ، قاچىلانغان 9نەشىرى بولسا ماھىيەتتە 9نەشىرىنىڭ يىشىۋىتىلگەن نۇسخسى بولماستىن بەلكى 8.53ئاساسىدىكى نەشىر يۇقۇرىلىتىش بوغچىسى، 9 نەشىرىنى ئىشلەتكەندە ماھىيەتتە كۈرۈنمە يۈزدە 9نەشىرىدەك كۈرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىچىكى يادروسى يەنىلا 8.53 نەشىرى، ئەڭ ھالقىقلىق يىرى شۇكى 8.53خىزمەت ھالىتىگە يەتكەندە ناھايىتى ئاسانلا ۋىروسخورلار تەرىپىدىن يىشىۋىتىش ھۆججىتى بىر تەرەپ بۇلۇپ كىتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ئىككى نەشىرىنى تەڭ قاچىلاپ قۇيۇپ، 9 نەشىرىنى قوزغۇتۇپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا ۋىروسخورلارنىڭ ئەجەللىك ھۆججەتنى ئۈچۈرۈپ تاشلىشىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ھەر ئىككى خىل نەشىرى قاچىلىنىدۇ.

سۇئال: رەسىم كۈرۈش يۇمتالىدىن نىمە ئۈچۈن ئىككىسى قاچىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: Adobe_Bridgeگەرچە خەلقئارلىق ئۆلچەمدىكى ئۆلچەملىك رەسىم كۈرۈش يۇمتالى بولسىمۇ لېكىن خېلى كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىپ ئادەتلەنمىدى، شۇڭلاشقا ھەسەن-ھۈسەن رەسىم كۆرۈش دىتالى HONEYVIEWئۆزى كىچىك، ھەقسىز، ئېلان يوق ھالەتتىكى رەسىم كۈرۈش يۇمتالى بىللە قۇشۇپ قاچىلاندى، باشقا بىر قىسىم بىز ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن رەسىم كۈرۈش يۇمتاللىرىدا كېيىنكى ئىشلىتىش جەريانىدا لۈكچەك يۇمتاللار ياكى ئېلانلار سەۋەپلىك قاچىلاش ئويلىشىلمىدى.

سۇئال:نىمە ئۈچۈن BANDIZIPپىرىستىن يىشىش يۇمتالى قاچىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: سىغىمى كىچىك، پىرىستىن يىشىش سۈرئىتى تىز، ھەقسىز،قالايمىقان ئېلان يوق بۇلۇش ئالاھىدىلىكى كۆزدە تۇتۇلدى.

سۇئال: نىمە ئۈچۈن 谷歌浏览器稳定版 تور كۆرگۈچىسى قاچىلىنىدۇ؟
جاۋاپ:گوگىل تور كۆرگۈچى بىخەتەر، سۈرئىتى تىز ۋە نۇرغۇن تور بەتلەر ياسالغاندا مۇشۇ تور كۆرگۈچكە چۇقۇم ماسلاشتۇرۇلىدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلەتكۈچىللىرىنىڭ ئەڭ كۆپ بۇلۇش ئالاھىدىلىكى كۆزدە تۇتۇلدى.

سۇئال: نىمە ئۈچۈن QuickTimeInstallerقاچىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: EDIUS ۋە 会声会影ئۈچۈن زۈرۈر بولغان سىن كود يەشكۈچ، شۇنداقلا mov ھالەتتىكى سىنلارنى قويغۇچ بۇلۇش سەۋەپلىك قاچىلاندى.

سۇئال:سېستىما نىمە ئۈچۈن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللۇنۇپ ھەمبەھىرلەنمىدى؟
بۇنىڭ جاۋابى يوق، ھازىرچە چېڭتۇڭ تور دىسكىسى، شۈنلېي تور دىسكىسىدا ماس ھالدا ھەمبەھىرلەندى، سىزگە قايسىسى قۇلايلىق بولسا شۇ مەنبەدىن ھەقسىز چۈشۈرۋالسىڭىز بۇلىدۇ.

پىرىستىن يىشىش پارولى:

www.andiza.cn

سالونچى دوستلار تىما مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن ھالدا مەنبەنى ئەسكەرتىپ سالونىڭلارغا يوللىساڭلار بۇلىدۇ، مەزمۇر سېستىما شەخىسىنىڭ قىززىقىسى بۇيىچە ياسىلىپ ئۆگۈنۈش مەقسىتىدە ھەقسىز تارقىتىلدى، سودا خاراكتىرىدە ئىشلىتىشكە يول قۇيۇلمايدۇ، مۇبادا يۇمتاللار ۋە سېستىما بۇلىدىكەن دەپ قارىساڭلار يۇمتال ۋە سېستىما تۈزگەن شىركەتلەردىن سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەڭلار بۇلىدۇ.

ئەندىزە تورى فىلىم-سۈرەتچىلىككە دائىر كەسپىي تور بەت بۇلۇپ سىز ماس ھالدىكى VIP ئەزالىق ھۇقۇقىنى بىجىرگەندىلا ئاندىن ھەقسىز چۈشۈرەلەيسىز ۋە ياكى ئايرىم سېتىۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ

ئەزالارنىڭ ھۇقۇقى تۈۋەندىكىچە:ئايلىق VIPئەزالار بەتتىكى بارلىق ئەندىزە تۈردىكى ماتىرياللارنى ھەقسىز چۈشۈرەلەيدۇ،پەسىللىك VIPئەزالار بەتتىكى بارلىق ئەندىزە ۋە دەرىسلىكلەردىن ھەقسىز پايدىلىنالايدۇ، يىللىقVIP ئەزالار تور بەتتىكى بارلىق ئەندىزە، دەرىسلىك،يۇمتال، قىستۇرما قاتارلىق مەنبەلەردىن ھەقسىز پايدىلىنالايدۇ. مۇبادا بەتتىن پايدىلىنىش جەريانىدا قانداق مەسىلىگە يۇلۇقسىڭىز تور بەت ئۈندىدار مۇلازىمەتچىسى بىلەن ئالاقىدە بۇلۇڭ