سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشتا ھەممىمىز فوتوشوپقىلا تايىنىۋالغان بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مۇنداق كىچىك قۇراللارنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنىڭ بارلىقىنى يادىمىزغا ئېلىشنىڭ زۈرۈرىيتى بارمۇ بىلمىدىم، لېكىن ئىشلەتكۈچىللىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ بۇلۇشى مېنى قىززىقتۇرۇپ قويدى. تۈۋەندە بۇ يۇمتال توغرىسىدا چۈشەنچىلەرگە ئىگە بۇلۇپ باقايلى.

يۇمتال نامى:ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمتالى CameraBag Pro 2021.1
بۇنىڭ ئالما ۋە ۋىندوۋىس نۇسخىللىر بار ئىكەن، بۇ يەردە پەقەت ۋىندوۋىس نۇسخىسىلا تەمىنلەندى؛
بۇ بىر خىل ئىقتىدارى كۈچلۈك رەسىم بىر تەرەپ قىلىش كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ فىلتىر ئۈنۈملەر يەنى سۈزگۈچلەر، قورال، ئالاھىدە ئۈنۈم قاتارلىقلار قوشۇلغان. CameraBag P2021 نىڭ ئىقتىدارى PS غا ئۇتتۇرۇپ قويىشى ناتايىن. بۇ يۇمشاق دېتال ئاساسلىقى سۈرەت تارتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئابونىتلارغا قارىتىلغان، سىلەر ئۆزۈڭلار تارتقان سۈرەتلەرنى ھەر خىل سۈزگۈچ قوراللارغا قوشۇۋالساڭلار بولىدۇ، مەسىلەن، ئۇسلۇب سۈزگۈچ ئەينەك، سۇ باسما، رەسىم قەۋىتى، رەڭ باسقۇچى قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىپ، سىز تارتقان ئەسەرنى تېخىمۇ چىرايلىق، مۇكەممەل قىلىدۇ.

يۇمشاق دېتال ئالاھىدىلىكى

1. 200 گە يېقىن پۈتۈنلەي تەڭشەشكە بولىدىغان سۈزگۈچ ئالدىن تەييارلانغان.

نەچچە ئون خىل تەييار فىلتىر ئۈنۈملىرى تەييارلانغان بۇلۇپ ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشەش ۋە ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارالايسىز. مەسىلەن Color Essentialls, Mattes ۋە B + W Films. ھەربىر تەڭشەشكە قارىتا خالىغانچە ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلپ بارغىلى ۋە مەۋھۇم قىممەتنى ئايرىم ساقلىۋالغىلى بۇلىدۇ.

2. كۆچمە ئەپ دۇنياسى (تېز سۈرئەتتە نەچچە ئون خىل ئۇسلۇبتا بىۋاستە كۆرگىلى بولىدىغان كۆرۈنمە يۈز) ۋە ئەڭ ياخشى ئۈستەل يۈزى دېتالى دۇنياسى (96 خانىلىق ھەر بىر پىكسېللىق بىر تەرەپ قىلىش، ئۈستەل يۈزى سۈرئىتى ۋە توغرا كونترول قىلىش ۋە كەسپىي تەڭشەش) بىلەن تەمىنلەيدۇ.

3. تور بېكىتىڭىز ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ بېتىڭىز ئۈچۈن بىردەك رەسىم بەرپا قىلىشتا ئالدىن تاللىشىڭىز بۇلالايدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ سۈزگۈچىسىنى لايىھەلەپ (ياكى نەچچە ئون ئىچكى سۈزگۈچنى ئىشلىتىپ) ، قايتا-قايتا ئىشلىتىپ، ئۆزگىچە، كۆركەم، بىردەك ئالاھىدىلىككە ئىگە سۈرەت بەرپا قىلىشقا بۇلىدۇ. سىز ھەتتا سۈزگۈچنى ئالدىن لايىھەلەشتە ئۆزىڭىز ئالدىن لاھىيەلىۋالغان رامكا، سۇ باسما ياكى سۈرەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەپ، ئۆزىڭىز ئېلان قىلغان ھەر بىر سۈرەتكە ئاپتوماتىك ئىشلىتەلەيسىز.

4. سىزنىڭ فوتو ئاپپاراتىڭىز RAW سۈرىتىنى تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ، سىزنىڭ بۇ خىل سۈرەتلەرنى تېخىمۇ ياىشى بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق RAW سۈرەت شەكلى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى قوللايدۇ، مەيلى سىز قانچىلىك ئۆزگەرتىپ ساقلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر بارلىق تەڭشەكلىرىڭىزنى ۋە قوشۇلغان تەپسىلاتلارنى ساقلاپ قالالايسىز.

5. يېڭىلىق يارىتىش كۆرۈنمە يۈزى، قاتلاملارغا بۆلۈپ تەڭشەش ئارقىلىق سۈزگۈچنى ياساپ، ھەر قانداق رەسىم ئۇسلۇبىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقابۇلىدۇ، مەيلى سىز ھازىر بار بولغان سۈرەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بېرىڭ، ياكى سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىلاسسىك كىنولاردىن ئۆلگە ئېلىپ قايتىدىن رەڭ ئۇسلوبى بەرپا قىلىڭ. يۇقىرى دەرىجىلىك تەسىر دائىرىسى ۋە تۈز خەرىتە ئارقىلىق پۈتۈنلەي ماسلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەيلى سىز كەسپىي فوتوگراف ياكى يېڭى ئۈگەنچە بولۇڭ، بۇ يۇمشاق دېتالدا بىمالال مەشغۇلات قىلالايسىز، ھېچقانداق چەكلىمە ۋە بېسىمغا ئۇچرىمايسىز، سىز ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك سۈرەت چىقىرالايسىز.

مەزكۇر يۇمتالنىڭ كۈرۈنمە يۈزى خگنزۇچىغا تەرجىمە قىلىغان، لېكىن قۇشۇلغان تەييار ئۈنۈملەر يەنى 预设قىسمى تەرجىمە قىلىنمىدى، نورمال ئىشلىتىشىڭى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

قاچىلاش ئۇسۇلى:
1.كومپىيۇتىرىڭىزدىكى بارلىق ۋىروسخور، بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنى چىكىندۈرۋېىتىسىز (ۋىندوۋىسنىڭ ئۆزىدە بار بولغىنىنىمۇ چىكىندۈرۋىتىسىز)
2.يۇمتالنى پىرىستىن يەشكەندىن كېيىن ئىچىدىكى Setup.exe نى قوش چىكىپ ئىجرا قىلىسىز.
3. يىشىۋېتىش ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى CameraBag Pro.exe نى قاچىلانغان مۇندەرىجە ئىچىدىكى ئەسلى ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۋىتىسىز

مەۋھۇم قاچىلىنىش مۇندەرىجىسى:
C:\Program Files\CameraBag Pro

يۇمتالنى قوزغاتقاندىن كېيىن كۈرۈنمە يۈز ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى “解锁” دىگەن خەتنى چىكىۋەتسىڭىزلا يۇمتالنى نورمال ئىشلىتىش ھالىتىگە كىرىسىز.