قانداق قىلغاندا تور بەتكە يازما يوللىغىلى بۇلىدۇ؟

ئەندىزە تورىغا يازما يوللىماقچى ئىدىم، لېكىن يوللايدىغان يىرىنى تاپالمىدىم؟

جەمئى 5 دانە جاۋاپ بار

  • admin SVIP ئەزا 2022-يىل 10-ئاپرېل 1:19 چۈشتىن كېيىن

    ئەندىزە تورىنىڭ يازما يوللاش ئىقتىدارى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلمىگەن بۇلۇپ يېقىندىن بۇيان تور بەتنى كۆپ قېتىم ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تور بەتنىڭ يازما يوللاش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى، لېكىن يازما يوللىغۇچى تۇنجى قېتىم يازما يوللىغاندا تور بەت ئۈندىدار مۇلازىمەتچىسى بىلەن ئالاقىدە بۇلۇپ تور بەتنىڭ يازما يوللاش ئىقتىدارىنى قوزغاتقاندىن كېيىن ئاندىن يازما يوللىيالايدۇ. يازما يوللىغۇچىنىڭ تور بەتتىكى ھۇقۇقى ئادەتتىكى ئەزادىن تۆھپىكار ئەزاغا تەڭشىلىپ باشقا ئەزالاردىن رۇشەن پەرىقلىق ھالەتتە تۇرىدۇ. ئادەتتە يازما يوللاش ئىقتىدارىنى قوزغۇتۇپ قۇيۇپ بىر ئاي ئىچىدە ھېچقانداق يازما يوللىمىسا بۇ ئىقتىدار ئاپتۇماتىك تاقىلىپ قالىدۇ.
    يازما يوللاش ئىقتىدارىنى قوزغاتقاندىن كېيىن ئەزالىق مەركىزىگە كىرىپ، تىزىملىكتىكى يازما يوللاش بۇيىچە يازما يوللانسا بۇلىدۇ. يازما تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن تور بەتتە نورمال ھالەتتە كۈرۈنىدۇ.

    1 قوللايمەن 0 تال جاۋاپ بار
  • admin SVIP ئەزا 2022-يىل 10-ئاپرېل 1:21 چۈشتىن كېيىن

    يازما يوللىغۇچى چۇقۇم ئەندىزە(موبەن)يوللىماقچى بولسا چۇقۇم شۇ ئەندىزە(موبەن)نىڭ ئۆلگە فىلىمىنى تەمىنلىشى، ئاندىن ئەندىزە(موبەن)نى چۇقۇم بەيدۇ تور دىسكىسى، چېڭتۇڭ تور دېسكىسى، ۋېييۈن تور دىسكىسى ياكى mediatrackتور دىسكىللىرىغا يوللۇنىشى ۋە ياكى خالىغان بىر تور دىسكىسىغا يوللۇنىشى كىرەك. باشقا تۈردىكى يازمىلارمۇ چۇقۇم كۈرۈش ۋە چۈشۈنۈش قۇلايلىق ھالەتتە يوللۇنىلىشى كىرەك.

    1 قوللايمەن 0 تال جاۋاپ بار
  • admin SVIP ئەزا 2022-يىل 10-ئاپرېل 1:36 چۈشتىن كېيىن

    مۇبادا پەقەت سىن فىلىمنى يوللىيالمىسا ماتىريال بىلەن بىللە يوللاپ قويسا بۇلىدۇ، لېكىن ئۆلگە فىلىمدىكى تامغىلار چۇقۇم ئۈچۈرۈلگەن بۇلۇشى كىرەك

    1 قوللايمەن 0 تال جاۋاپ بار
  • admin SVIP ئەزا 2022-يىل 10-ئاپرېل 3:00 چۈشتىن كېيىن

    https://andiza.cn/info/
    ئەندىزە تورى فىلىم-سۈرەتچىلىككە دائىر كەسپىي تور بەت بۇلۇپ 2012-يىلى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى فىلىم-سۈرەتچىلىككە دائىر مەزمۇنلارنى توپلاشتۇرۇپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئەسلى مەقسىدىنى ئۇنتۇپ قالماي ئۆزلىكسىز تىرىشىۋاتىدۇ.

    تور بىكىتىمىز كەڭ فىلىم-سۈرەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئۈگۈنىۋاتقان ۋە ھەۋەسكار دوستلارنىڭ ئۆز كەسپى توغۇرلۇق ئېرىشكەن سەنئەت مىۋىسى ياكى ئوي – پىكىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىىمىز!

    تور بىكىتىمىز يازما يوللاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ يازما يوللاش ھوقوقىغا ئېرىشكەندىن كىيىن يازما يوللىيالايسىز، يوللانغان يازمىلار بىردەك باش باشقۇرغۇچىنىڭ تەستىق-تەھرىرلىشىدىن كىيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا دانىشمەن رايۇنىدا سۇئال – جاۋاپ يوللاش ئىقتىدارىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، يوللانغان سۇئال جاۋاپلا بىردەك باشقۇرغۇچىنىڭ تەستىق-تەھرىردىن ئۆتكەندىن كىيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

    1 قوللايمەن 0 تال جاۋاپ بار
  • Altaxna SVIP ئەزا 2022-يىل 13-ئاپرېل 10:37 چۈشتىن بۇرۇن

    بەك ياخشى ئىش بوپتۇ مۇمكىن بولسا مىنىڭكىنىمۇ ئېچىپ قويسىڭىز بوپتىكەن

    0 قوللايمەن 0 تال جاۋاپ بار

جاۋاپ يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.