كومپيۇتېرىمىز بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، C دىسكىدا بىر قىسىم ئەخلەت ھۆججەتلەر پەيدا بولۇپ، ئاندىن سىستېمىمىزنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، لېكىن قولىڭىزدا مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇش قورالى بولمىسا، ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ ھۆججەتلەرنى تېپىپ قول بىلەن تازىلىساق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، C دېسكىدا تۆت ھۆججەت قىسقۇچ بار بولۇپ ئۇنى بىۋاستە ئۆچۈرۋەتكىلى بولىدۇ. زادى قايسى تۆت ھۆججەت قىسقۇچ؟ مېنىڭ كونكرېت مەشغۇلاتىمنى كۆرۈپ بېقىڭ.
NO1:Temp بۇ ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كومپىيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر بولۇپ، ئۇنى بىۋاستە ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ. بىز win+R كونۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز، دىققەت: بۇ تېز بۇيرۇقنى بۇنىڭدىن كېيىن دائىم ئىشلىتىمىز، ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن كۈچلۈك، كۆپچىلىكنىڭ بۇ بۇيرۇقنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاندىن C:\Windows\temp نى كىرگۈزۈپ، چىققان كۆزنەكتىن بۇ يەردىكى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدە ھاسىل بولغان بارلىق ھۆججەتلەرنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋەتسەكلا بولىدۇ. NO2:Download
بۇ ھۆججەت قىسقۇچ Windows سىستېما يېڭىلىغاندا چۈشۈرگەن بىر قىسىم ياماقلار، قاچىلاش بولىقى قاتارلىقلار بولۇپ، پەقەت سىستېمىمىزنىڭ يېڭىلىنىشى تاماملانسىلا، بۇ نەرسىلەر ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇڭا بىز بىۋاستە ئۆچۈرۈۋەتسەك بولىدۇ. ئۈچۈرۈش ئادرىسى: C:\Windows\Software Distributtion \Download بولۇپ، مەشغۇلات ئۇسۇلى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش.
NO3:Logfiles
ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلانغىنى بىر قىسىم كۈندىلىك خاتىرە ھۆججەتلىرى بولۇپ، ئاساسلىقى بىزنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلات خاتىرىمىز خاتىرىلىنىدۇ، بىۋاسىتە ئۆچۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بىز يەنىلا win+R كونۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز، ئۈچۈرۈش ئادرىسى: C:\Windows\System32\logfiless، مەشغۇلات ئۇسۇلى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش.
NO4:Prefetch
بۇ يەردە ساقلىغىنى كومپيۇتېر زىيارەت قىلغان بىر قىسىم ئالدىن ئوقۇلىدىغان ئۇچۇرلار بولۇپ، ھېچقانداق پايدىسى يوق، بىۋاسىتە چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. بىز يەنىلا ئوخشاشلا win+R كونۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز، ئۈچۈرۈش ئادرىسى: C:\Windows\prefetchh، مەشغۇلات ئۇسۇلى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش.
[دىققەت]
يۇقارقى تۆت ھۆججەت قىسقۇچ مەزمۇنىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆچۈرگىلى بولمىسا، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، كارىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ.
بۇ ھۆججەتلەر قارىماققا ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەمما جۇغلانغان ۋاقىت ئۇزۇن بولسا، ئەگەر سىز يېرىم يىلدا بىر قېتىم تازىلىمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ھۆججەت قىسقۇچ ئىگىلىگەن سىستېما بوشلۇقىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، شۇڭا كومپيۇتېرنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، قەرەللىك ھالدا بۇ ھۆججەت قىسقۇچلارنى تازىلاپ، كومپيۇتېرىمىزنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز
جەمئى 1 دانە جاۋاپ بار
كومپيۇتېرىمىز بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، C دىسكىدا بىر قىسىم ئەخلەت ھۆججەتلەر پەيدا بولۇپ، ئاندىن سىستېمىمىزنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، لېكىن قولىڭىزدا مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇش قورالى بولمىسا، ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ ھۆججەتلەرنى تېپىپ قول بىلەن تازىلىساق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، C دېسكىدا تۆت ھۆججەت قىسقۇچ بار بولۇپ ئۇنى بىۋاستە ئۆچۈرۋەتكىلى بولىدۇ. زادى قايسى تۆت ھۆججەت قىسقۇچ؟ مېنىڭ كونكرېت مەشغۇلاتىمنى كۆرۈپ بېقىڭ.

NO1:Temp

بۇ ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كومپىيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر بولۇپ، ئۇنى بىۋاستە ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ. بىز win+R كونۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز، دىققەت: بۇ تېز بۇيرۇقنى بۇنىڭدىن كېيىن دائىم ئىشلىتىمىز، ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن كۈچلۈك، كۆپچىلىكنىڭ بۇ بۇيرۇقنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاندىن C:\Windows\temp نى كىرگۈزۈپ، چىققان كۆزنەكتىن بۇ يەردىكى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدە ھاسىل بولغان بارلىق ھۆججەتلەرنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋەتسەكلا بولىدۇ.
NO2:Download